كارى (تاماق)
كارى (ياكى كارى تامىقى؛ ئېنگلىزچە: Curry) جەنۇبى ئاسىيادا كۆپ ئۇچىرايدىغان، ھەرخىل تەم خۇرۇچلىرى ۋە دورا ـ دەرمەكلىرى قېتىلدىغان تاماق تۈرلىرىنىڭ ئومۇمى نامىدۇر. كارى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ۋاريانتلىرى بىلەن كەڭ ئىستىمال قىلىنماقتا. كارى تامىقنىڭ جەنۇى ئاسىيادىن چىقىشى شۇ جايلارنىڭ ھەرخىل دورا ـ دەرمەك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كەڭ ئىستىمال قىلىش تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كارى تامىقى ۋە كارى دەرىخى ئىككىسى ئىككى خىل نەرسە، گەرچە ئىسمى ئوخشىسىمۇ تىپى ئوخشىمايدۇ. كارى ئادەتتە كارى تامىقىنى كۆرسىتىدۇ.
![](http://chped.net/https/upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/6/6f/Taj_Mahal_-_Lamb_Curry_Madras.jpg/220px-Taj_Mahal_-_Lamb_Curry_Madras.jpg)
كارىنىڭ ھازىر دۇنيا مېقياسىدا نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى ۋە نۇسخلىرى بار.كارى دېگەن بۇ سۆز تامىل تىلدىن كەلگەن بولۇپ "خۇرۇچ"، "دورا-دەرمەك"، ۋە ياكى تاماققا تەم كىرگۈزۈچ ئۈچۈن قېتلدىغان كارى دەرىخنىڭ يوپۇرمىقى دېگەندەك مەنىلەردىدۇر. كارى تالقىنى ھازىر نۇغۇن تائاملارغا قېتىلدۇ. كارى تاماقلىرى جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى بۇيىنچە ھىندىستان\پاكىستان\بېنگال، شەرقى ئاسىيا، ئافرىقا دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىندۇ.