سادام ئابدۇسالام
سادام ئابدۇسالام
Sadam Abdusalam | |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلغان | 1984-يىلى |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنى | ئاۋسترالىيە |
كەسپى |
سادام ئابدۇسالام (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Salam Abdusalam) بولسا ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر بولۇپ، ۋەتەندە قاپسىلىپ قالغان ئوغلى ۋە ئايالى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ خەلقئارادا تونۇلغان
ھاياتى[تەھرىرلەش]
ئون نەچچە يىل ئالدىدا ئوقۇغۇچى بولۇپ كەلگەن ،2013-يىلى ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان.2016-يىلى ئايالى بىلەن ۋەتەندە توي قىلغان.
ئائىلىسى[تەھرىرلەش]
2020-يىلى فېۋرالدا ختتاينىڭ ئاۋستىرالىيەدىكى مۇئاۋىن باش كونسۇلى ئاۋسترالىيە تىلىۋىزىيە قانىلىدا :«سادامنىڭ ئايالى شنجاڭدىن ئايرىلىشنى خالىمىدى »دىگەندىن كېين،نادىرە ئۆمەر دەرھال يولدىشغا :«مەن ئايرىلىشنى ۋە يولدىشىم بىلەم جەم بولۇشنى خالايمەن »دەپ پىلاكات بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ،يولدىشغا ئۈدندار ئارقىلىق ئەۋەتكەندىن كىين، ختتاي دىپلوماتىيەسى ئاۋاستىرالىيەدە يەنە بىر قېتىم مات بولغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئشلار منستىرى كۆپ قېتىم ختتاي ھۆكۈمىتىنى سادامنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
جەم بولىشى[تەھرىرلەش]
2020-يىلى 10-دىكابىر سادام ئابدۇسالام ئايالى نادىرە ئۆمەر ۋە ھازىرغىچە كۆرۈشۇپ باقمىغان ئۈچ ياشلىق ئوغلى لۇتفى بىلەن سدنى ئايرۇپورتىدا ئۇچرشىپ، بىر ئائىلە كشلىرى جەم بولدى.
سادامنىڭ ئادوۋكاتى بىرادلىنىڭ رويتىر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، بۇ ئائىلە ئىككى ھەپتە بۇرۇن كەلگەن بولۇپ، بىرسبانە مېھمانخانىسدا كارانتىندا تۇرغاندىن كىين ئاندىن سادام بىلەن جەم بولغان.